ماناس ناھىيىسى
ماناس ناھىيىسى玛纳斯县 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىگە قارايدۇ. ماناسنىڭ يەر مايدانى 9،174 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 170،000.
تارىخ
تەھرىرلەشماناس تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى قەدىمكى <يىپەك يولى>دىكى مۇھىم ئۆتەڭ بولغان. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيسۇن، ئۆتتەنزىل دۆلەتلىرىگە، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدە ئۇيسۇنلارغا، سۈي دەۋرىدە غەربىي تۈرك تۇران قەبىلىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدەبېشبالىقنىڭ بالقاش كۆلى ناھىيىسى بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيراتلارغا قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە جۇڭغار خولاما قەبىلىسىنىڭ كۆچمە چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. چيەنلۇڭنىڭ 28 - يىلى (1763 - يىلى) سۈيلەي قورغىنى قۇرۇلغان. چيەنلوڭنىڭ 33 - يىلى (1768 - يىلى) ياردەمچى ئامبال قۇرىقى قۇرۇلۇپ سانجى ناھىيىسىگە قارىغان. چيەنلۇڭنىڭ 43 - يىلى (1778 - يىلى) رەسمىي ناھىيە تەسىس قىلىنىپ سۈيلەي دەپ ئاتالغان. ئۈرۈمچى ۋىلايىتىگە قارىغان. 1954 - يىلى ماناس ناھىيىسى دەپ ئۆزگەتىلگەن. 1958 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 1976 - يىلى شىخەنزە ۋىلايىتىگە قارىغان. 1979 - يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
جۇغراپىيە
تەھرىرلەشماناس ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، شەرقتە قۇتۇبى ناھىيىسى، غەربتە شىخەنزە شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى، جەنۇبتا خېجىڭ ناھىيىسى، شىمالدا قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 275 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 88 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 11 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر، تەۋەسىدە 6 بازار، 6 يېزا، 137 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. يەنە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، يېزا ئىگىلىك 6 - شىسى، 8 - شىسىنىڭ 5 تۇەن - مەيدانى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېلېكتېر قۇۋىتى ئىدارىسى ماناس ئېلېكتر ئىستانسىسى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 136 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 246 مىڭ 900، بۇنىڭ ئىچىدە خۇيزۇلار %2.39نى، ئۇيغۇرلار % 1.70 نى، خەنزۇلار% 89.02 نى، باشقا مىللەتلەر% 6.89 نى ئىگىلەيدۇ. يەر شەكلى: جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تار ھەم ئۇزۇن سوزۇلغان، جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس، جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىقلار 26.7% ئوتتۇرا قىسمىدىكى تۈزلەڭلىك% 19.1، شىمالىي قىسمىدىكى قۇملۇق، چۆللۈك% 54.2 نى ئىگىلەيدۇ. ماناس دەرياسى ۋە ناسىرقاي دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 706 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 370 مىليون كۇب مېتىر، ياۋا ھايۋانات بايلىقلىرىدىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن سوغىگۈل، قېرىقىز، چاكاندا، يۈەفو، دۇڭخۇا، يەرمەدىكى، قارلەيلىسى، چوڭ يوپۇرماقلىق چىنتىيانا، قان تېپەر، قىزىل مېۋىلىك شاقاقۇل، كەتىرا، بۇۋانە قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، قىزىل توپا، زۇمرەت، ئالتۇن، مىس، كۈمۈش، ئارسىن، ئىسلاندىيە تېشى، ھاك تېشى، كۋارتس، تۈز قاتارلىقلار بار. ماناس ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق، يېرى قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 6.8، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇراىسى℃ 42.0، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -℃ 38.0، يىللىق ئوتتۇرىچە كۈن چۈشۈش ۋاقتى 2866.3 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 172 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 173.7 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقتارى 1946.9 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاشلىق ۋە پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىدىن بىرى. ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 41 مىڭ 600 گېكتار (624 مىڭ مو)، ئورمان 24 مىڭ 300 گېكتار (364 مىڭ 500 مو)، دېھقانچىلىق قىلغىلى بولىدىغان 26 مىڭ 700 گېكتار بوز يەر (400 مىڭ مو)، ئورمانلىق قىلغىلى بولىدىغان 430 مىڭ گېكتار بوز يەر (64 مىڭ 500 مو) بار، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، مايلىقدان، قىزىلچا قاتارلىقلار بار. پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا 1994 - يىلى مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان 100 كۈچلۈك ناھىيە ئىچىدە 57 - ئورۇندا تۇرغان. چارۋىلاردىن كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. دېھقانچىلىق رايونى بورداقچىلىقى خېلى كۆلەمگە ئىگە، سانائەت تۈرلىرىدىن كۆمۈر، ماشىنسازلىق، ياغاچ ماتېرىياللىرى، كۆن - خۇرۇم، فار - فۇر، پاختا توقۇمىچىلىق، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. ماناس ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى، 312 - دۆلەت يولى، 201 - ئۆلكە يولى، ياسىلىۋاتقان ئۈرۈمچى - كۈيتۈن يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى ناھىيە چېگرىسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا ئاسفالىت يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدۇ. 8000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلدى، سىمسىز چاقىرىش ۋە خەلقئارا فوتوتېلېگرامما ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
مەمۇرىي رايون
تەھرىرلەشئىقتىساد
تەھرىرلەشئاساسىي قۇرۇلۇش
تەھرىرلەشنۇپوس ئىستاتىستىكا
تەھرىرلەشتەربىيە
تەھرىرلەشساياھەتچىلىك
تەھرىرلەشمەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن تاسىرقاي قەدىمكى قەلئە خارابىسى، تۇرا، بۇددا ئىبادەتخانىسى، شەنشى سارىيى قاتارلىقلار بار. مەنزىرلىك جايلىرىدىن تاسىرقاي دەرياسى شارقىراتمىسى، چىڭشۈيخې، بەيياڭگو مەنزىرىلىك جايى، قاراغايلىق قاتارلىقلار بار.
مائارىپ
تەھرىرلەشتەنھەرىكەت يىغىنى
تەھرىرلەشسىرتقى ئۇلاش
تەھرىرلەش