مەكىت ناھىيىسى
مەكىت ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Mekit Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بولۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. مەكىت ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي قىسمىغا، زەرەپشان دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى گۇما ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 160 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 136 كىلومېتىر. قارمىقىدا بىر بازار، 9 يېزا، 130 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى، ئىككى ھەربىي قىسىم دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1384 كىلومېتىر.
مەكىت ناھىيىسى
麦盖提县.Mekit County | |
مەكىت ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 2 دانە |
يېزا سانى | 8 دانە |
نوپۇس (2017-يىل) | 272،010 [1] |
يەر مەيدانى | 11022.53 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
جۇغراپىيە
تەھرىرلەشبۇ ناھىيە زەرەپشان دەرياسى ۋە تىزناپ دەرياسىنىڭ تىندۇرمىسىدىن ھاسىل بولغان يەلپۈگۈچسىمان بوستان تۈزلەڭلىك، يەر تۈزۈلۈشى تۈز. بوستانلىق 19.7% نى، قۇملۇق 80.3% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدىن زەرەپشان دەرياسى ۋە تىزناپ دەرياسى كېسىپ ئۆتىدۇ. يىللىق ئېقىن مىقدارى 800 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى 649 مىليون كۇب مېتىر.
مەمۇرىي رايون
تەھرىرلەشقەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيىسى قارمىقىدا 2 بازارلىق ۋە 8 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | مەھەللە/كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | مەكىت بازىرى | Mekit Baziri | Mekit Town | 麦盖提镇 | 9 | 50 | |
2 | بازارجەمى بازىرى | Bazarjemi Baziri | Bazarjemi Town | 巴扎结米镇 | 16 | 23 | 3424 |
3 | قۇمقىسار يېزىسى | Qumqisar Yézisi | Qumqisar Township | 库木库萨尔乡 | 12 | 14 | 26 |
4 | غازكۆل يېزىسى | Ghazköl Yézisi | Ghazkol Township | 尕孜库勒乡 | 20 | 26 | 53.3 |
5 | قىزىلئاۋات يېزىسى | Qizilawat Yézisi | Qizilawat Township | 克孜勒阿瓦提乡 | 19 | 26 | ؟ |
6 | ھاڭغىتلىق يېزىسى | Hangghitliq Yézisi | Hangghitliq Township | 昂格特勒克乡 | 4 | 6 | ؟ |
7 | شېھىتدۆڭ يېزىسى | Shéhitdöng Yézisi | Shehitdong Township | 希依提墩乡 | 13 | 13.6 | |
8 | يانتاق يېزىسى | Yantaq Yézisi | Yantaq Township | 央塔克乡 | 23 | 32 | |
9 | تۈمەنتال يېزىسى | Tümental Yézisi | Tumental Township | 吐曼塔勒乡 | 14 | 25 | |
10 | قۇرما يېزىسى | Qurma Yézisi | Qurma Township | 库尔玛乡 | 8 | 14 | ؟ |
’’’ئىزاھات:’’’
يەر تۈزۈلۈشى
تەھرىرلەشبايلىقى
تەھرىرلەشياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن تارىم بۇغىسى، ئاق بوغۇز بۆكەن، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەدىكى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن نېفىت، تۇز، گەژ، ھېقىق قاتارلىقلار بار.
ئىقلىمى
تەھرىرلەشمەكىت ناھىيىسى مۆتىدىلك بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 42.1℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 22.4℃. قۇياشنىڭ يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2805.9 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4285.2℃. قىروسىز مەزگىلى 215 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 39.4 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2349.3 مىللىمېتىر.
يېزا ئىگىلىكى
تەھرىرلەشبۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 33 مىڭ 600 گېكتار (504 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 24 مىڭ 700 گېكتار (370 مىڭ مو) تەبىئىي ئورمان، 150 مىڭ گېكتار ( 2 مىليون 250 مىڭ مو) ئوتلاق، 38 مىڭ گېكتار (570 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە كۆكتات قاتارلىقلار بار. بولۇپمۇ پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۈستۈنلۈكى روشەن. 1986 - يىلى بۇ ناھىيە مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ بېكىتىلدى. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مەكىت دولان قويى داڭلىق. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كۆمۈر، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىش - ياساش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
ساياھەتچىلىكى
تەھرىرلەشمەنبە
تەھرىرلەش- ↑ "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-04-18.
سىرتقى ئۇلانمىلار
تەھرىرلەش