قابا ناھىيىسى
قابا ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. قابانىڭ يەر مايدانى 8،179 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 80،000.
تارىخ
تەھرىرلەشقابا ناھىيىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چىتسېتىھىلتۇ ئايمىقى يېڭى تۇرغۇت موڭغۇللىرىنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. ئاۋۋال قۇبدۇ مەسىلھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا، كېيىن ئالتاي خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 29 - يىلى (1903 - يىلى) قابا ھەربىيلەر ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 1 - يىلى (1912 - يىلى) قابا باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 9 - يىلى (1920 - يىلى) ئامبال ياردەمچىسى قويۇلۇپ، بۇرچىن ناھىيىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 19 - يىلى (1930 - يىلى) دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ ناھىيە قىلىنغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاشەن ۋىلايىتى 6 - مەمۇرىي رايونىغا قارىغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.
جۇغراپىيە
تەھرىرلەشقابا ناھىيىسى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى بۇرچىن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى جىمىنەي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربىي شىمال تەرىپى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى 320 كىلومېتىر). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 168 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە كەڭلىكى 90 ~ 100 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 8430.3 كۋادرات كىلومېتىر. قابا ناھىيىسىگە 1 بازار، 6 يېزا، 116 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 10 - شىسىنىڭ بىر تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 673 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 69 مىڭ 400. بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 60.37% نى، خەنزۇلار 31.27% نى، باشقا مىللەتلەر 8.36% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى شىمالدىن جەنۇبقا قىيپاش بولۇپ، شىمال قىسمىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ (ساغانسالا تېغى ئەڭ ئېگىز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن 3248 مېتىر ئېگىز). ئوتتۇرا قىسمى ئېدىرلىق، جەنۇبىي قىسمى تۈزلەڭلىك، بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 31.7% نى، تۈزلەڭلىك 47.9% نى، قۇملۇق 20.4% نى تەشكىل قىلىدۇ. ئېرتىش دەرياسى، قابا دەرياسى، بىلەزىك دەرياسى ۋە ئالقابېك دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد 341 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى 243 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانلاردىن سۆسۈن بۇلغۇن، قانداغاي، سۈر بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، بۆرە، قىيالىق تۇندار كەكلىكى قاتارلىق بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سىبىرىيە ئۈستۇر بېلىقى، چوڭ قىزىل بېلىق، براخىمىستاكىس بېلىقى، بايقال ئاق بالداق بېلىقى، لېش بېلىقى، دەرياسوم بېلىقى قاتارلىق 20 نەچچە خىل بېلىق بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن مىس، كۈمۈش، ئاليومىن، سىنك، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار. قابا ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 4.0℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 44.8℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2954.5 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2678.6℃. قىروسىز مەزگىلى 128 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 170.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2065.4 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلىرى بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان. ھازىر 18 مىڭ 600 گېكتار (279 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 537 مىڭ 300 گېكتار (8 مىليون 60 مىڭ مو) ئوتلاق، 151 مىڭ 700 گېكتار (2 مىليون 275 مىڭ 500) ئورمانلىق بار. يەنە 74 مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون 120 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا چارۋا بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ. چارۋىدىن قوي، كالا، ئات، چوشقا قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، ئاپتاپپەرەس، پۇرچاق، ياڭيۇ قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر قۇۋۋىتى، كانچىلىق، چارۋا مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىپ، بۇ ناھىيىنىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلاندى. قابا ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. 4000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ پۈتۈن مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.
مەمۇرىي رايون
تەھرىرلەشئىقتىساد
تەھرىرلەشئاساسىي قۇرۇلۇش
تەھرىرلەشنۇپوس ئىستاتىستىكا
تەھرىرلەشتەربىيە
تەھرىرلەشساياھەتچىلىك
تەھرىرلەشئاقتوبېك ئېغىزى گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان دۆلەت دەرىجىلىك ئېغىز.
مائارىپ
تەھرىرلەشتەنھەرىكەت يىغىنى
تەھرىرلەشسىرتقى ئۇلاش
تەھرىرلەش
مەنبەلەر
تەھرىرلەش- ↑ 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.