قەشقەر شەھىرى

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى Qeshqer shehri)

قەشقەر شەھرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غەربىي جەنۇبى قىسىمىغا جايلاشقان. ۋە بۇگۈنكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەمورىي مەركىزى. قەشقەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىك 39° 24’ 26؛ شەرقىي ئۇزۇنلۇق 76° 6’ 47، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 1290 مىتىر. قەشقەر شەھرىنىڭ 1999-يىلى ئېلان قىلىنغان نوپۇسى 205،000. قەشقەردە ھازىرقى بار بولغان قەدىمى شەھەر كوچىلىرىدىن ھېيتگاھ جامىئەسىنى مەركەز قىلغان چاسا كوچا، ئوردا ئالدى، بۇلاق بېشى، ئوردا مەسچىتى، دۈڭمەسچىت، جانقۇرغان، تۆريارباغ، كونا دەرۋازا يولى، يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى قاتارلىق جايلار ئۆستەڭ بويى ئەتراپلىرىغا مەركەزلەشكەن. ئوردا بېشى يولى، كونا دەرۋازا يولى، يارباغ يولى، ئارىيا يولى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمىي تۇرالغۇ– كوچىلار قەشقەر شەھىرىنىڭ يارباغ ئىش باشقارمىسى تەۋەسىدە بۇلۇپ، جانقۇرغان كوچىسى بىلەن بۇلاق بېشى كوچىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە 20 نەچچە تار كوچىلارغا ئايرىلغان. ئومۇمىي دائىرىسى 2 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئون نەچچە مىڭ ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. بۇ كوچىلارنىڭ بەرپا قىلىنىش تارىخىنى مىلادى 10– ئەسىرلەرگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ.

قەشقەر شەھىرى

喀什市.Kashgar city

قەشقەر شەھىرى (نومۇرى 1) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كوچا باشقارمىسى سانى 4 دانە
بازارلىق سانى 2 دانە
يېزا سانى 6 دانە
نوپۇس 600 مىڭ
يەر مەيدانى 294.21 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
شەھەر باشلىقى يالقۇن ماخمۇت
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q
تور بېكەت قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

جۇغراپىيەلىك ئورنى

تەھرىرلەش

قەشقەر شەھىرى قەشقەر دەرياسىنىڭ دېلتىسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق، شىمال، غەرب تەرىپى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. قەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 13 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 19 كىلومېتىر، شەھەر رايونى كۆلىمى 15.5 كۋادرات كىلومېتىر.

يەر تۈزۈلۈشى

تەھرىرلەش

يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس، تارىختىن بۇيان دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، تىنىشى بىلە، يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ كەتكەن. تەۋەسىدە قىزىل دەرياسى ۋە تۈمەن دەرياسى بار. ئونىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 2 مىليارد 185 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى 67 مىليون كۇب مېتىر.

مەمۇرىي رايون

تەھرىرلەش

قەشقەر شەھىرى قارمىقىدا 8 دانە كوچا باشقارمىسى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 چاسا كوچا باشقارمىسى Chasa kocha bashqarmisi Chasa subdistrict 恰萨街道 11 88.5
2 ياۋاغ كوچا باشقارمىسى Yawagh kocha bashqarmisi Yawagh subdistrict 亚瓦格街道 7 26.7
3 ئۆستەڭ بويى كوچا باشقارمىسى Östeng Boyi kocha bashqarmisi Östeng Boyi subdistrict 吾斯塘博依街道 6 50.5
4 قۇم دەرۋازا كوچا باشقارمىسى Qum Derwaza kocha bashqarmisi Qum Derwaza subdistrict 库木德尔瓦扎街道 6 51
5 شەرقىي كۆل كوچا باشقارمىسى Sherqiy Köl kocha bashqarmisi Sherqiy Köl subdistrict 东湖街道 8 30
6 غەربىي يۇرت يولى كوچا باشقارمىسى Gherbiy Yurt yoli kocha bashqarmisi Gherbiz Yurt avenue subdistrict 西域大道街道
7 غەربىي باغچا كوچا باشقارمىسى Gherbiz Baghcha kocha bashqarmisi Gherbiz Baghcha subdistrict 西公园街道
8 مەرھابا يولى كوچا باشقارمىسى Merhaba yoli kocha bashqarmisi Merhaba avenue subdistrict 迎宾大道街道

ئىزاھات:

قەشقەر شەھىرى قارمىقىدا 2 دانە بازارلىق ۋە 9 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇنىڭ يېزا-بازارلىرى تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 شامالباغ بازىرى Shamalbagh baziri Shamalbagh town 夏马勒巴格镇 14 68 15
2 نەزەرباغ بازىرى Nezerbagh baziri Nezerbagh town 乃则尔巴格镇 15 61 23.2
3 پاختەكلە يېزىسى Paxtekle yëzisi Paxtekle town 帕哈太里克乡 6 14 39.89
4 دۆلەتباغ يېزىسى Döletbagh yëzisi Döletbagh town 多来特巴格乡 18 56 30
5 قوغان يېزىسى Qoghan yëzisi Qoghan town 浩罕乡 15 34 ؟
6 خاڭدى يېزىسى Xangdi yëzisi Xangdi town 荒地乡 8 11 ؟
7 سەمەن يېزىسى Semen yëzisi Semen town 色满乡 8 19 12
8 ئاۋات يېزىسى Awat yëzisi Awat town 阿瓦提乡 19 30 31.3
9 بەشكېرەم يېزىسى Beshkërem yëzisi Beshkërem town 伯什克热木乡 21 36 197.6
10 يېڭىئۆستەڭ يېزىسى Yëngi’östeng yëzisi Yëngi’östeng town 英吾斯坦乡 19 35.7 109.16
11 ئاققاش يېزىسى Aqqash yëzisi Aqqash town 阿克喀什乡 6 11.3 266

نۇپوس ئىستاتىستىكا

تەھرىرلەش
پىچان ناھىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
ئۇيغۇرلار
85.8%
خەنزۇلار
13.5%
خۇيزۇلار
0.2%
ئۆزبېكلار
0.2%
باشقا مىللەتلار
0.3%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [1]

ئىقلىمى

تەھرىرلەش

قەشقەر شەھىرى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.1، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى-24.4. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ۋاقتى 2874 سائەت. 10 جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4250.5. قىروسىز مەزگىلى 218 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 61.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايللىنىش مىقدارى 2487.1 مىللىمېتىر.

ئىقتىسادى

تەھرىرلەش

قەشقەر شەھىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتى توقۇمىچىلىق سانائىتى، بۇياقچىلىق، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، خىمىيە سانائىتى، خۇرۇمچىلىق، يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنسازلىق ۋە رېمونتچىلىق، مەتبۇئات ۋە ئەنئەنىۋى قول ھۆنەرۋەنچىلىكى قاتارلىق 20 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، مىللىي، ئالاھىدە سانائەت ۋە ساياھەتچىلىك بۇ شەھەردىكى تۆت چوڭ تۈۋرۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئەتراپى رايونى يېزا ئىگىلىكىدە شەھەر ئاھالىسىنى «كۆك تاق» بىلەن تەمىنلەش ئاساس قىلىنىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار.

ساياھەتچىلىك

تەھرىرلەش
ھۆججەت:Kashkar-01.jpg
قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتى

قەشقەر شەھرىدىكى بۇ قەدىمىي تۇرالغۇ– كوچىلار قەشقەر شەھىرى سەيلە– ساياھەتچىلىكىنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالغان. بۇ كوچا– مەھەللىلەر قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە، ئەڭ ئاۋات كوچىلىرىغا، ئاھالە ئەڭ زىچ ئورۇنلارغا جايلاشقان. ئاھالىلەرنىڭ سەيلە– ساياھەتچىلىك ئېڭى، تىجارەت ئېڭى ئىنتايىن يۇقىرى. بۇ يەردىكى ئىش باشقارمىلىرى، شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بۇ ئورۇننى ساياھەت نۇقتىسى قىلىپ بىكىتكەن ھەمدە بۇ كوچىلاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىي ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە ‹‹ كولالىچىلار ئائىلىسى››، ‹‹ مىللىي چالغۇ– ئەسۋاپلار ئائىلىسى››، ‹‹ دوپپىچىلار ئائىلىسى››، ‹‹ كەشتىچىلىك ئائىلىسى››، ‹‹ مىسكەرچىلىك ئائىلىسى››، ‹‹ پىچاقچىلىق ئائىلىسى››، ‹‹ گىلەم توقۇش ئائىلىسى››، ‹‹ ئۇيغۇر مىللىي بىناكارلىق ئائىلىسى››، ‹‹ ئاسارە– ئەتىقە يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئائىلىسى›› دېگەندەك ئوخشىمىغان ۋىۋىسكىلارنى ئېسىپ، قەدىمى شەھەر ساياھەتچىلىكى، قەدىمى كوچا– تۇرالغۇ ساياھەتچىلىكى؛ مەدەنىيەت يادىكارلىق، ئاسارە – ئەتىقە بۇيۇملىرى ساياھەتچىلىكى؛ مىللىي ئۆرىپ– ئادەتلەر ساياھەتچىلىكى؛ مىللىي قول– ھۈنەر سەنئىتى ساياھەتچىلىك تۈرلىرىنى ئائىلە ساياھەتچىلىكى بىلەن بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ، مۇكەممەل ۋە ئەتراپلىق بولغان ساياھەت بايلىقىنى ئاچقان.

قەشقەر شەھىرىدىكى بۇ قەدىمى كوچا– تۇرالغۇلار، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ قول– ھۈنەر سەنئىتى، ئۆرپ– ئادىتى، بىناكارلىق مەدەنىيىتى ئۇزۇن تارىخىنىڭ ئەينى سىماسىدۇر. بۇ جاي بىزگە يىراق قەدىمى دۇنيانىڭ تەسىراتىنى بېرىدۇ. قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇ قەدىمى كوچا تۇرالغۇلىرىنى ئايلانغاندا، ھەر بىر دۇقمۇشتىن قايرىلىپ، خىلمۇ خىل مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى بايقىغاندا، نەچچە يۈز يىل، ھەتتا مىڭ يىل ئالدىدىكى دەۋردە تۇرىۋاتقاندەك، قىسقىغىنا ھاياتتا نەچچە دەۋىرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگەندەك بىلىنىدۇ.

بۇ بىر قەدىمىي شەھەر Ⅺ- ئەسىردىن بۇيان ناخشا-ئۇسۇل ماكانى دېگەن نامى بار. كىلاسىك مۇزىكا «12 مۇقام» ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق، يەنە ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولغان «قەشقەر سەنىمى» ، «دولان ئۇسسۇلى» ، «ساما» ، «مەشرەپ» قاتارلىقلار ھازىرغىچە كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ھېيتكار جامەسى، ئاپئاق خوجامازىرى(ئىپارخان مازىرى) ، بەنچاۋ قەلئەسى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى قاتارلىقلار بار. 1986-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى قەشقەر شەھىرى دۆلەت دەرىجىلىك مەشھۇر تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى قىلىپ بېكىتىلدى.

باشقىلار

تەھرىرلەش

ئولتۇراق رايوندا ھازىر ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (شەھەر) دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدىن 12سى بار. بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى بولسۇن ياكى مەسچىد قۇرۇلۇشلىرى، رەستىلەر قۇيۇق ئىسلام مەدەنىيىتى قۇرۇلۇش تۈسىنى ئالغان. كوچىلار ئەگرى- بۈگرى، ئۈمۈچۈك تورىدەك ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. خۇددى سىرلىق ئوردا، قەلئە يوللىرىغا ئوخشايدۇ. ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرى قۇرۇلما جەھەتتە خام كىسەك، توپا، پىششىق خىش، ئەنجان تاملاردىن ياسالغان. ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۆي، سېلىنىۋىرىپ ئالدى يەر يۈزىدىن 4- 5 قەۋەتچە ئىگىزلەپ، يىراقتىن قارىغاندا قەلئەگىلا ئوخشاپ قالغان. ئولتۇراق رايوندا يەنە ئەسلى ئورنىغا ئەسلى ھالىتىنى ساقلىغان ئاساسىدا پىششىق خىشتىن يىڭىلىنىۋاتقان تۇرالغۇلارمۇ بار. ئولتۇراق ئۆيلەر بەك زىچ سېلىنغانلىقتىن كوچىلار خېلىلا تار. ئەسلى ھالىتىنى ساقلاش ۋە ئۆرۈلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرەكلەر بىلەن يۆلەپ قۇيۇلغان تۇرالغۇ- كوچىلارمۇ بار. تار كوچىلارنىڭ ئۈستى يېپىلىپ، ئۆي قىلىنغان. كوچىلارنىڭ باش- ئاخىرىنى پەرق ئەتمەك ئىنتايىن تەس. بەزىدە بۇ كوچىلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر ئۆزلىرىمۇ ئادىشىپ قالىدىكەن. بىر قىسىم كوچا بۆلەكلىرىدە ئىككىنچى بىر كوچىغا ئايلىنىش يول كۆرسەتكۈچ بەلگىلىرى كۆرسىتىپ قۇيۇلغان.

بىر قىسىم كوچىلارغا پەلەمپەي ئارقىلىق يۇقىرى ئۆرلەپ مېڭىشقا توغرا كېلىدىكەن. بۇ يەرگە جايلاشقان ئاھالىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى پەس بولغاندا ئىككى قەۋەت، بەزى تۇرالغۇلار ئۈچ- تۆت قەۋەت بولغاچقا ئالقانچىلىك بوشلۇقلارمۇ ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. قورولارغا پەقەت بىرلا ياغاچ دەرۋازىدىن كىرىپ، ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى يان ئۆيلەرگە قايرىلغىلى، پەشتاق- پەلەمپەيلەر ئارقىلىق ئۈستۈنكى قەۋەتلەرگە چىققىلى بولىدۇ، ئۆگزىنىڭ گىرۋەكلىرى بىر مېتىر ۋە بىر يېرىم مېتىر ئەتراپىدا ئېگىزلىتىلىپ، كۈننىڭ ئىسسىق چاغلىرىدا كېچىسى ئارام ئېلىشقا پايدىلىنىلغان. ئاستىنقى قەۋەتتىكى قورو ئىچى ئىنتايىن تار بولسىمۇ، بۇ يەردىكى ئاھالىلەر بىرەر تۈپ ئەنجۈر كۆچىتى، ئانار كۆچىتى، بىرەر تۈپ گۈل تىكىپ ياكى گۈللۈكلەرنى ياساپ ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. ئىقتىسادى ئەمىلى كۈچى بويىچە ئايۋان- ساراي، پىشايۋانلار ئىسىل بېزىلىپ، گىلەملەر سېلىپ قۇيۇلغان.

بۇ يەردىكى جانقورغان، بۇلاق بېشى كوچىلىرىدىن باشقا، يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى قەدىمىلىكى، ئۆزگىچىلىكى بىلەن كىشلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدۇ. 40 مېتىرچە ئىگىزلىكتە 800 مېتىرچە ئۇزۇنلۇققا سوزۇلغان كولالچىلار مەھەللىسى تۆت- بەش يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ كوچىدا كولالىچىلار كۆپرەك مەركەزلەشكەنلىكى ئۈچۈن ‹‹ يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى›› دەپ ئاتالغان.

مۇناسىۋاتلىك مەزمۇنلار

تەھرىرلەش

1934- يىلى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى



مەنبەلەر

تەھرىرلەش
  1. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.
  NODES