يەكەن ناھىيىسى
يەكەن ناھىيىسى قەشقەر ۋىلايىتى گە قاراشلىق ناھىيە بولۇپ، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقى شىمال تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن، شەرقىي جەنۇبى بولسا پوسكام ناھىيىسى، قاغىلىق ناھىيىسى بىلەن، غەربىي جەنۇبى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىۋە ئاقتو ناھىيىسى بىلەن، غەربى يېڭىسار ناھىيىسى بىلەن، شىمالى يوپۇرغا ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي نوپۇسى 850 دىن ئارتۇق بولۇپ نوپۇسى جەھەتتىن ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ چوڭ ناھىيە.
يەكەن ناھىيىسى
莎车县.Yarkant County | |
يەكەن ناھىيىسى (نومۇرى 6) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كوچا باشقارمىسى سانى | 1 دانە |
بازارلىق سانى | 9 دانە |
يېزا سانى | 20 دانە |
نوپۇسى | 864 مىڭ |
يەر مەيدانى | 9,036.55 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
ئېتىمولوگىيە
تەھرىرلەشيەكەن ئەسلى ياركەنت ياكى ياركەند بولۇپ، يار يەنى دەريا بويىدىكى شەھەر دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. بۇ خۇددى تۇرپاندىكى يارغول نامىغا ئوخشايدۇ.
مەمۇرىي رايون
تەھرىرلەشقەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىسى قارمىقىدا 1 دانە كوچا باشقارمىسى، 9 دانە بازارلىق ۋە 20 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | مەھەللە/كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | زەرەپشان كوچا باشقارمىسى | Zerepshan kocha bashqarmisi | Zerepshan subdistrict | 叶尔羌街道办事处 | 17 | ||
2 | يەكەن بازىرى | Yeken baziri | Yarkant town | 莎车镇 | 26 | 224 | 23 |
3 | گۈلباغ بازىرى | Gülbagh baziri | Gulbagh town | 古勒巴格镇 | 14 | 22.2 | ؟ |
4 | مىشا بازىرى | Misha baziri | Misha town | 米夏镇 | 24 | 32.5 | ؟ |
5 | چارەك بازىرى | Charek baziri | Charak town | 恰热克镇 | 27 | 30 | ؟ |
6 | ئېگەرچى بازىرى | Égerchi baziri | Egerchi town | 依盖尔其镇 | 21 | 27.5 | 100.6 |
7 | بەشكەنت بازىرى | Beshkent baziri | Beshkent town | 白什坎特镇 | 26 | 40 | ؟ |
8 | ئاۋات بازىرى | Awat baziri | Awat town | 阿瓦提镇 | 18 | 25 | ؟ |
9 | ئېلىشقۇ بازىرى | Élishqu baziri | Elishku town | 艾里西湖镇 | 26 | 36.8 | |
10 | خاڭدى بازىرى | Xangdi baziri | Hangdi town | 荒地镇 | 27 | 35 | 227.3 |
ئىزاھات:
- 1. 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن زەرەپشان كوچا باشقارمىسى قۇرۇلغان.
- 2. 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى گۈلباغ يېزىسى گۈلباغ بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.
- 3. 2016-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى مىشا يېزىسى مىشا بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.
يەكەن ناھىيىسى قارمىقىدا 20 دانە يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | ئارال يېزىسى | Aral yézisi | Aral town | 阿热勒乡 | 16 | 18 | 23 |
2 | چارباغ يېزىسى | Charbagh yézisi | Charbagh town | 恰热巴格乡 | 15 | 13 | ؟ |
3 | تومئۆستەڭ يېزىسى | Tomösteng yézisi | Tomosteng town | 托木吾斯塘乡 | 15 | 32.2 | 109.6 |
4 | يېڭىئۆستەڭ يېزىسى | Yéngiösteng yézisi | Yengiosteng town | 英吾斯塘乡 | 10 | 10.5 | 28.67 |
5 | ئارسلانباغ يېزىسى | Arslanbagh yézisi | Arslanbagh town | 阿热斯兰巴格乡 | 20 | 20 | ؟ |
6 | ئودانلىق يېزىسى | Odanliq yézisi | Odanlik town | 乌达力克乡 | 11 | 10.2 | 168 |
7 | ياقائېرىق يېزىسى | Yaqaériq yézisi | Yaqaerik town | 亚喀艾日克乡 | 11 | 10.2 | 118.2 |
8 | كاچۇڭ يېزىسى | Kachung yézisi | Kachung town | 喀群乡 | 14 | 19 | 73.3 |
9 | قوشىراپ يېزىسى | Qoshirap yézisi | Koshirap town | 藿什拉甫乡 | 15 | 17.3 | ؟ |
10 | دامسى يېزىسى | Damsi yézisi | Damsi town | 达木斯乡 | 8 | 9.7 | 5.47 |
11 | ئىشقۇل يېزىسى | Ishqul yézisi | Ishkul town | 伊什库力乡 | 23 | 31 | 116.5 |
12 | تاغارچى يېزىسى | Tagharchi yézisi | Tagharchi town | 塔尕尔其乡 | 30 | 34.5 | ؟ |
13 | پەكىچى يېزىسى | Pekichi yézisi | Pekichi town | 拍克其乡 | 16 | 23 | 189.2 |
14 | قوشئېرىق يېزىسى | Qosh’ériq yézisi | Kosh’erik town | 阔什艾日克乡 | 13 | 16.5 | ؟ |
15 | قاراسۇ يېزىسى | Qarasu yézisi | Karasu town | 喀拉苏乡 | 12 | 14.8 | 86.28 |
16 | باغئاۋات يېزىسى | Baghawat yézisi | Baghawat town | 巴格阿瓦提乡 | 11 | 17 | 189.3 |
17 | ئالامەت يېزىسى | Alamet yézisi | Alamet town | 阿拉买提乡 | 11 | 17 | 189.3 |
18 | ئازادباغ يېزىسى | Azadbagh yézisi | Azadbagh town | 阿扎特巴格乡 | 13 | 15.8 | 133.6 |
19 | دۆڭباغ يېزىسى | Döngbagh yézisi | Dongbagh town | 墩巴格乡 | 12 | 23.2 | 75.3 |
20 | زەرەپشات تاجىك يېزىسى | Zerepshat Tajik yézisi | Zerepshat Tajik town | 孜热甫夏提塔吉克族乡 | 12 | 10 | ؟ |
ئىزاھات:
- 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن تومئۆستەڭ يېزىسى نىڭ بىر قىسمى ئاجرىتىلىپ ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق بولغان زەرەپشان كوچا باشقارمىسى قۇرۇلغان.
مائارىپى
تەھرىرلەشيەكەن قەدىمدىنلا ئۇيغۇر مائارىپنىڭ بۆشۈكى ئىدى بۈگۈنكى يەكەننىڭ مائارىپ ئاساسىي خېللا مۇستەھكەم .ھازىر تەۋەلكىدە: يەكەن كەسپى تېخنكا تەربىيلەش مەكتىپى(ئوتتۇرا تېخنىكومى)، يەكەن تىببى مەكىتىپى، كەسپى تىخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى،ئوقۇتقۇچىلاربىلىم ئاشۇرۇش مەكتىپى قاتارلىق ئوتتۇرا ئالىي تېخنىكوم بىلىم ئېلىش سورۇنلىرى بار.شەھەر رايۇنىدا، 8 ئوتتۇرا مەكتەپ بولغاندىن سىرىت قالغان 29 يىزا-بازارلار دا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرى بار بولغان مۇكەممەل مائارىپ تەربىيە ئورۇنلىرى بىلەن قاپلانغان.
تەنتەربىيە
تەھرىرلەشيەكەن خەلقى بۇرۇندىن تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قىزىىقىدىغان بولۇپ توپ تۈرلىرىدىن پۇتبول، ۋاسكىتبول، ۋالىبوللار بىر قەدەر ئوموملاشقان باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنھەركەت پائالىيەتلىرىگە بولۇپمۇ توپ تۈرلىرىگە بولغان قىزغىنلىقى ئالاھىدە كۆزگە چىلىقىدۇ. يېزىلاردا بولسا قەدىمدىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە چىلىشىش ، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، ئات بەيگىلىرى پەسلگە قاراپ ئۆتكۈزىلىپ تۇرىدۇ.
ساياھەتچىلىكى
تەھرىرلەشيەكەندە قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورۇنلىرى ۋە سەيلىگاھلار كۆپ. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئىجادچىلىرىدىن ئاماننىساخان مەقبەرىسى، يەكەن جامىئەسى، ئالتۇنلۇق مازىرى، يەنە قىرىقتەن (چىلتەن) مازىرى، قاراسۇ قۇملۇق مەنزىرىگاھى قاتارلىقلار بار.
يېزا ئىگىلىكى
تەھرىرلەشباشقىلار
تەھرىرلەشيەكەن خەلقى مىھماندوسىت، تىرىشچان ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق بۈگۈنكى گۈزەل شەھەرنى بەرپا قىلغان. ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇر بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدۇ.
مەنبەلەر
تەھرىرلەشسىرتقى ئۇلانمىلار
تەھرىرلەش