چىنىگۈل
چىنىگۈل قەلەمپۇر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، چىنىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ۋە قاننى راۋانلاشتۇرۇش، ھەيز كەلتۈرۈش، يىرىڭلىق ئىششىقنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
تەھرىرلەشئۇيغۇرچە نامى :چىنىگۈل
چىقىش ئورنى : شەرقىي تۈركىستان
تەبىئىتى :ھۆل سوغۇق
تونۇشتۇرۇلىشى
تەھرىرلەشچىنىگۈلچىنىگۈل قەلەمپۇر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، چىنىگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، توپلىشىپ ئۆسىدۇ، ئىنچىكە، ئۇزۇن، بۇغۇملىرى ئېنىق؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقىنىڭ شەكلى يىپسىمان ياكى يىپسىمان تېمىنە شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك، يوپۇرماق تۈۋى غىلاپسىمان بولۇپ غولىنى يۆگەپ تۇرىدۇ؛ گۈلى يەككە ياكى بىرقانچىسى شالاڭراق توپلىشىپ ئۆسىدۇ، گۈل كاسسىسى كانايسىمان، گۈلتاجى يوپۇرمىقى بەش دانە، يىپسىمان يېرىلغان، رەڭگى سۇس قىزىل، ئاق ياكى سۇس قىزغۇچ سۆسۈن، غوزا مېۋىسىنىڭ شەكلى، ئۇزۇنچاق، ئۇچى تۆت چىشلىق بولۇپ بۆلۈنگەن.
مۇندەرىجە
تەھرىرلەش- قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
- ئاساسىي ئۇچۇرلىرى
- تونۇشتۇرۇلىشى
- خۇسۇسىيىتى
- دورىلىق قىسمى
- تەبىئىتى
- ئىشلىتىش مىقدارى
- يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى
- ئۆسۈش ئورنى
- رېتسىپلار
- سۈرەتلەر
- قامۇس باشبېتى
خۇسۇسىيىتى
تەھرىرلەشياللۇغ قايتۇرۇش، سۈيدۈك ۋە قاننى راۋانلاشتۇرۇش، ھەيز كەلتۈرۈش، يىرىڭلىق ئىششىقنى قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
دورىلىق قىسمى
تەھرىرلەشدورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
دورىلىق قىسمى
تەھرىرلەشدورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
تەبىئىتى
تەھرىرلەشھۆل سوغۇق.
ئىشلىتىش مىقدارى
تەھرىرلەشئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش ئۇسۇلى
تەھرىرلەشبۇ ئۆسۈملۈكنى ياز، كۈز پەسىللىدە، گۈللەشتىن ئىلگىرى ئورۇۋېلىپ، توغراپ سايىدا قۇرۇتۇپ؛ گۈللەپ بولغاندىن كېيىن يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
ئۆسۈش ئورنى
تەھرىرلەششەرقىي تۈركىستان نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
رېتسىپلار
تەھرىرلەشچىنىگۈلچىنىگۈلدىن 12 گرام، قۇشقاچتىلىدىن 10 گرام، كۆك سېغىزدىن 12 گرام، مامكاپتىن 35 گرام، خام چۈچۈكبۇيىدىن 5.2 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سۈيدۈك يولى ياللۇغى ۋە دوۋساق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
چىنىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە، تاشقى جىنسىي ئەزانىڭ شەلۋەرىشى ۋە سۇ ئۆرلەپ تۇرىدىغان چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى چىنىگۈلنى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، سۇ ئۆرلەپ تۇرىدىغان چاقىلار ۋە ئاياللارنىڭ تاشقىي جىنسىي ئەزاسىنىڭ شەلۋەرىشىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
چىنىگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز كەلمەسلىك ۋە يىرىڭلىق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
چىنىگۈل يىلتىزىدىن 35 ~ 70 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە توغرا ئۈچەي راكىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.